ئاپتوموبىلنىڭ ABS تورمۇز سېستىمىسى زادى قانداق نەرسە؟

100000+ 2017-06-28 16:43 Alganap公司

微信扫一扫
分享到朋友圈


بۈگۈنكى ماشىنا ئۇچۇرى

ئاپتوموبىلنىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا ئائىت يېڭى ئاتالغۇلار بارلىققا كەلمەكتە. بۈگۈن كۆپچىلىككە ئاپتوموبىلدىكى ABS توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمىز.

ئۈستىدىكى: ABS ئوچۇق ئەھۋال

ئاستىدىكى: ABS ئىتىك ئەھۋال


كونا شوپۇرلار جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا تورمۇزنى جىددىي دەسسىمەستىن تېز سۈرئەتتە ئۈزۈپ-ئۈزۈپ دەسسەيدۇ. يەنى تورمۇزنى بىر دەسسەپ بىر قويۇپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا چاق بىلەن يەر ئارىسىدىكى قۇرۇق سۈركىلىش ھەرىكەتچان سۈركىلىشكە ئايلىنىپ، ئاپتوموبىل چاقى قايتىدىن قاماللاش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. كونتىرول قىلىشمۇ ئاسانلاشقاندىن سىرت، تورمۇز ئارىلىقىمۇ قىسقىرايدۇ.

تەجرىبىسى كەم يېڭى شوپۇرلارنىڭ ئىنكاسى بولسا تورمۇزنى تولۇق دەسسەپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا تورمۇزلانغان چاق قېتىۋېلىپ، قاماللاش كۈچىنى يوقىتىپ، ئاپتوموبىل يۆلىنىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى تورمۇز ئارىلىقى ئۇزىراپ، بىخەتەرلىككىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

ABSنىڭ ئېنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى antilock braking systm بولۇپ، ئۇيغۇرچە تولۇق ئاتىلىشى تورمۇزنىڭ قۇلۇپلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى. رولى بولسا جىددىي تورمۇز قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاپتوماتىك ھالدا چېكىپ تورمۇزلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تورمۇز ئارىلىقىنى قىسقارتىش ۋە ئاپتوموبىل يۆنىلىشىنى كونترول قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ.


ABS قوزغالغاندا، بىز روشەن ھالدا تورمۇزنىڭ قايتىپ پۇتىمىزنى تەپكەن تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايمىز. ئاپتوموبىل ئىچىگىمۇ «تاس تاس تاس...» قىلغان ئاۋاز كىرىدۇ. كونترول تاختىسىدىمۇ ABS بەلگىسى يورۇپ ئۆچۈپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

لېكىن ABS ھەممىگە قادىر ئەمەس. يول ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشى ئەمەس ئەھۋالدا ABSمۇ ئامالسىز قالىدۇ. مەسىلەن، قارلىق يوللار، لاي پاتقاق يوللار دېگەندەك. ABSنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا چوقۇم يېتەرلىك قاماللاش كۈچى بولۇشى كېرەك. ئەمما يول ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ كەتسىمۇ ABSنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا تورمۇز ئارىلىقى ئۇزىراپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن.

شۇڭا ھازىرقى ئاپتوموبىللاردىكى تېخنىكىلار بارچە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلالمايدۇ. يەنىلا شوپۇرلار ئاڭلىقلىق بىلەن بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدىشى ئاقىلانىلىكتۇر.

دوستانە ئەسكەرتىش: WIFI دا كۆرۈڭ


100000+ 分享给好友
标签: ABS